??????? ??????? ?????? ??????? ????? ????? ??????? ??? ????? ???????



??? ?????? ?????? ??? ??????? . ????? ????????

??? ?????? : ??????? ???????????? ? ??? ??? ??????? ?????? ! ???? . ???? ?????? ?????? ? ???? ?????? ????? ??? !! {?????}.

  • 点击查看原始尺寸

  • تەكلىماكاندىكى ياۋا ئادەم – ئەختەم ئۆمەر

          بۇ ھېكايە ئەقلىمگە كەلسەم تۈمەنتالدا ئېيتىلىپ يۈرەركەن…

    مىلادى 1868 – يىلى قارا قىش، مەكىتنىڭ تۈمەنتال توغراقلىقى. قېلىن ياغقان قار بۈككىدە ئۆسكەن توغراقلارنىڭ شاخلىرىغا ئاق بۇلۇتتەك قونۇپ سامان باسقان ئۆگزىدەك ئويۇپ كەتكەن.
    ئادەم بويى كەلگۈدەك توغراقلارنىڭ تۈۋىدىكى دەسلەپ ياغقان قارلار ئېرىگەن، قومۇش، ئەمەن، كۆك تىكەن، تۆگە تاپىنى

  • ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ (ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯧﻴﻨﯩﯔ 4- ﻛﯜﻧﻰ) ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻜﺘﻪ ﺯﺍﯞﺍﻝ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﯩﻦ ﺭﺍﻛﺸﺎﺱ ﻳﯧﻨﯩﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ:

    - ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ 2- ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻤﺎﻗﭽﻰ، ﺳﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ،-ﺩﯨﺪﻯ.

    -ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭ؟!-ﺩﯦﺪﯨﻢ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ.

    -ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ. ﺋﺎﺗﺎﯕﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﯕﺎﺑﯘ ﻣﻪﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺟﯩﻨﻼﺭ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﭼۆﭼﯩﮕﻪﻧﺘﯘﻕ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ، ﺷﯘﯕﺎ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻗﻪﺑﯩﮫ، ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺭ.

  •   يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەتراپى 20-30 مېتىر ئىگىزلىكتىكى دۆڭلۈك. يارغول يىپەك يولىدىكى مەشھۇر شەھەر بولۇپ، 2000 يىلدىن ئارتۇقراق تارىخقا ئىگە. ئۇ 1961- يىلى  مەملىكەتلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكتىلگەن، بۇ شەھەر يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ئىپتىدائىي توپا شەھەر خارابىسى دەپ بېكىتىلدى.

        ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ بىنا قىلىنغان ۋاقتى ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى يېغىلىق دەۋرىگە توغرا كېلىدىكەن.يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان قۇس بەگلىكى تارىخ سەھنىسىگە چىققان، قۇس بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى يارغول شەھىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خەن ۋۇدى يۈەنىپڭنىڭ 3-يىلى قۇس بەگلىكى پارچلىنىپ ئالدى قوس ۋە ئارقا قوس دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ‹‹ خەننامە ››، ‹‹ غەربىي يۇرت تەزكىرىسى›› دە ئالدى قوس بەگلىكىنىڭ پايتەختى يارغول شەھىرىدۇر. دەريا سۈيى شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 450-يىلى ئالدى قوس بەگلىكى مۇنقەرز بولغاندا، بۇ شەھەر قۇچۇ خانلىقىنىڭ يارغول ئايمىقى بولغان. تاڭ تەيزۇڭ جېنگۇەننىڭ 14-يىلى خۇ جۈنجىنى ئەۋەتىپ قۇچۇنى تىنچىتقاندا، بۇ يەردە يارغول ناھىيىسىنى تەسىس قىلغان. غەربىي يۇرتتىكى ئەڭ ئالىي مۈلكىي -لەشكىرىي ئاپپارات ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ئەڭ دەسلەپتە موشۇ يەردە تەسىس قىلىنغان. تاڭ دەۋرىنىڭ گۈللەنگەن ۋاقتىدىكى شائىر لى شىن بۇ يەرنىڭ كۆركەم قىياپىتىنى ئوبرازلىق تەسىۋىرلەپ: ‹‹ كۈندۇزى باقساق بۇ يەر بەك قاينىغان، تېخىمۇ كۆركەم گۇگۇم پەيتىدە ئۇ ›› دېگەندەك مېسىرالارنى يازغان. بۇ مەزگىلدە يارغول شەھىرى گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يارغول شەھىرى ۋەيران بولۇپ، ‹‹ قاقاس خارابە›› گە ئايلانغان.

        كۆپ يىللاردىن بۇيان تارىخشۇناسلار ۋە ئارخىئولوگلارنىڭ بوشاشماي تىرشىچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئارخىئولوگىيە خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بەزىبىر سىرلىق تۈگۈنلەر داۋاملىق پەيدا بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق سىرلىق تۈگۈنلەرنىڭ بىرسى يارغول شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمىي قۇدۇق. ئارخىئولوگىيە خادىملىرى بۇ قەدىمىي قۇدۇقنى قازغاندا، قۇدۇقنىڭ ئون نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايىدىن بىر لەخمىنى بايقىغان. بۇ لەخمە قايسى دەۋرگە مەنسۇپ؟ ئۇ نېمىگە ئىشلىتلگەن؟ بۇ مەسىلە ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى. بەزى مۇتەخەسىسلەر بۇ لەخمە 2000 يىل بۇرۇنقى ئالدى قوس بەگلىكىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئىشلىتلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئالدى قوس پادىشاھى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا موشۇ لەخمە ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن،دەپ قارايدۇ.

    يارغول قەدىمىي شەھىرىدە ھازىر پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ئۆيلەرنىڭ سانى 1000 غا يېتىدۇ. بىراق، بارلىق ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى يوق. ئەينى چاغدا ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى قانداق بولغىيتى؟ يۇمىلاق بولغىيمىتى ياكى تۈز بولغىيمىتى ؟ بۇ سىرمۇ ھازىرغىچە يېشىلمىدى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىملارنى تەشكىللەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆگزىسنىڭ زادى قانداق شەكلدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلماقچى بولۇۋېتىپتۇ.

?????? ???????: ??????? | ?????????? ?????: ????????? ??? ?????? | ?????-?????????